ئايرىم-ئايرىم مەخپىيەتلىك باياناتلىرىنى كۆپلىگەن Microsoft ئىستىمال مۇلازىمەتلىرىنى قاپلايدىغان قىلىپ بىرلەشتۈرۈپ، يېڭى Microsoft مەخپىيەتلىك باياناتى ئېلان قىلدۇق. Microsoft نىڭ مەخپىيەتلىك پائالىيىتىدىكى بۇ قۇرۇلما ئۆزگەرتىش تەكرار مەزمۇنلارنى چىقىرىۋېتىش، باياناتنىڭ ئىشلىتىشچانلىقى، ئېنىقلىقى ۋە ئاشكارىلىقىنى ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلغان. Windows 10 نىڭ يېڭى ئىقتىدارلىرىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان بەزى يېڭى مەزمۇنلارنى قوشتۇق، ئەمما يېڭى مەخپىيەتلىك باياناتى Microsoft نىڭ مەخپىيەتلىك تۈزۈمى ياكى پائالىيەتلىرىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ.